تايلاند تۈرمىسىدىكى ئىككى ئۇيغۇرنىڭ سوتى كېچىكتۈرۈلدى

تايلاند ھەربىي سوتى ئۆتكەن يىلقى باڭكوك پارتلاش ۋەقەسىگە چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىككى ئۇيغۇرنى سوتلاشنى كېچىكتۈردى.

557720
تايلاند تۈرمىسىدىكى ئىككى ئۇيغۇرنىڭ سوتى كېچىكتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۈگۈن(23-ئاۋغۇست) تايلاند تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئادەم قاراداغ بىلەن يۈسۈپ مىرئەلىنىڭ ئادۋوكاتى ئۇيغۇر تەرجىمان بولمىغانلىقى ئۈچۈن سوتنى رەت قىلغان ۋە سوت 15-سېنتەبىرگە كېچىكتۈرۈلگەن.

ئادۋوكات چۇچارت خانفاي ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، سوتقا ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرى تايلاند تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان بۇ ئىككى ئۇيغۇرغا سىراجىددىن باھادىروۋ ئىسىملىك بىر ئۆزبېك تەرجىمانلىق قىلغان بولۇپ، كېيىنچە ئۇ ئۆزبېك تەرجىمان پۇقراچە كېيىنگەن ساقچىلارنىڭ تەھدىت سېلىشىغا ئۇچرىغان ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان.

تايلاند ھەربىي سوتى ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ھەربىي تۈرمىدىن ئادەتتىكى تۈرمىگە يۆتكىلىش تەلىپىنى، مەسىلىنىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكى» گە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ رەت قىلغان.

ئادەم قاراداغ بىلەن يۈسۈپ مىرئەلى 17-ماي كۈنى يالاڭ ئاياغ ۋە پۇت-قوللىرىغا كىشەن سېلىنغان ھالدا سوتقا چىقىرىلغان. ئۇلار 2015-يىلى 17-ئاۋغۇست باڭكوكتىكى 20 كىشى ئۆلۈپ، 125 كىشى يارىلانغان پارتلاشقا چېتىشلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ تۈرمىگە سولانغان.

مۇتەخەسسىسلەر، باڭكوكتىكى پارتلاش تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 2015-يىلى تايلاند تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان 109 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما، تايلاند دائىرىلىرى بۇ قاراشنى رەت قىلىپ، خەلقئارالىق ئادەم ئەتكەسچىلىك تورىنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقىدىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر