شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى تۈركىيەگە كەلدى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاكىنجى رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلدى.

553481
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى تۈركىيەگە كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاكىنجى ئەنقەرە سەپىرىدىن بۇرۇن ئەرجان ئايرودۇرۇمىدا بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ تېز سۈرئەتتە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مۇزاكىرەلەرنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى، بۇ باسقۇچتا كاپالەت بولىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «بۇنداق مۇھىم مەسىلىلەر كۈنتەرتىپكە كەلگەن مەزگىلدە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇش ئېھتىياجتۇر» دېدى.

ئۇ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ، 15-ئىيۇل خائىنلارچە قىلىنغان ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدە شېھىت بولغانلار ئۈچۈن شەخسەن ئۆزىنىڭ تەزىيە بىلدۈرۈشىگە پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئەنقەرە زىيارىتىدە، دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشىدۇ. ئۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش جەريانىدا بومباردىمان قىلىنغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى(پارلامېنتى) نى زىيارەت قىلىپ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان جايلارنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر