موڭغۇلىيەدە قەدىمكى تۈركلەرگە ئائىت تاش ھەيكەللەر تېپىلدى
موڭغۇلىيەنىڭ شىۋېت ئۇلان رايونىدىكى بىر قەبرىستانلىقتىن قەدىمكى تۈركلەرگە ئائىت تاش ھەيكەللەر تېپىلدى.
550797

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، موڭغۇل ۋە قازاق ئارخېئولوگلارنىڭ شىۋېت ئۇلان رايونىدىكى بىر قەبرىستانلىقتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋامىدا، قەدىمكى تۈركلەرگە ئائىت تاش ھەيكەللەر تېپىلغان.
24 – ئاۋغۇست ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە، «پايانسىز يايلاقلاردىكى كۆچمەن چارۋىچى خەلقلەرنىڭ مىسلىسىز ھايات ھېكايىلىرى» تېمىلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلىدىغان بولۇپ، يىغىنغا، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، موڭغۇلىيە، تۈركىيە ۋە رۇسىيەدىن نۇرغۇن ئالىملار قاتنىشىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئەزەربەيجان ئىراننىڭ جاسۇسلۇق تورىغا ئەجەللىك زەربە بەردى
ئەزەربەيجاندا ئىراننىڭ جاسۇسلۇق تورىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە 39 كىشى قولغا ئېلىندى.