ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە چېگراسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە چېگرا لىنىيەسىدە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 1 ئەزەربەيجان ئەسكىرى شېھىت بولدى.

545933
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە چېگراسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە بىر ئەزەربەيجان ئەسكىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقى، يەنە بىرىنىڭ يېنىك يارىلانغانلىقى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ بۇزۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق جاۋابكارلىقنىڭ ئەرمېنىيە دائىرىلىرىگە ئائىت ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر