ئىسلام دۇنياسىدىكى ۋە مۇسۇلمان تۈركلەرگە ئانادولۇ دەرۋازىلىرىنى ئاچقان ئەڭ مەشھۇر قوماندان

ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ مەشھۇر پەتھى قىلغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان شېھىت ۋە غازى سۇلتان ئالپ ئارسلان خان.

541226
ئىسلام دۇنياسىدىكى ۋە مۇسۇلمان تۈركلەرگە ئانادولۇ دەرۋازىلىرىنى ئاچقان ئەڭ مەشھۇر قوماندان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەلچۇقىيلار ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىككىنچى سۇلتانى، ئانادولۇ دەرۋازىلىرىنىڭ مۇسۇلمان تۈركلەرگە ئېچىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ئەڭ مۇھىم زەپەرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان «مالازگىرت زەپىرى» نى قولغا كەلتۈرگەن قوشۇننىڭ قوماندانى ۋە شېھىت سۇلتان ئالپ ئارسلان خان ئۇدا 8 يىل تەختتە ئولتۇرغان. ئۇنىڭ 1029 – 1033 – يىللىرى ئارىسىدا تۇغۇلغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ئاتىسى سەلچۇقىيلار ئىمپېرىيەسى سۇلتانى تۇغرۇل بەگنىڭ قېرىندىشى ۋە ياردەمچىسى چاغرى بەگدۇر. سۇلتان ئالپ ئارسلان 40 ياشلارغا كىرگەن چاغدا تۈركىستانغا يۈرۈش قىلىشى جەريانىدا پەتھى قىلغان بارزام قەلئەسىنىڭ ئەسىرگە چۈشكەن قوماندانى يۈسۈف بارزەمى «خارىزمى) نى قوبۇل قىلغاندا، تۇتقۇن قەلئە قوماندانى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ يارىلانغان ۋە ئارىدىن 4 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن 1072 – يىلى 24 – نويابىر كۈنى  شېھىت بولغان.

 سەلچۇقىيلار ئىمپېرىيەسى سۇلتانى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ مەشھۇر پەتھى قىلغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان شېھىت ۋە غازى سۇلتان ئالپ ئارسلان خان قوشقان تۆھپىلىرى بىلەن تۈرك تارىخىدا چاقنىغان چولپانلاردىن بىرى، شۇنداقلا، دۇنيانىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ئەڭ مەشھۇر ھۆكۈمدارلاردىن بىرى بولۇپ، سەلچۇقىيلار ئىمپېرىيەسى قوشۇنىنى باشلاپ، كۆپ  قېتىم ھەربىي يۈرۈش قىلغان. شاھزادىلىقى مەزگىلىدە خوراسان ۋالىيسى ۋە مەرۋە شەھىرىنىڭ شاھزادىسى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1044 – يىلدىن 1050 – يىلغىچە خوراسان قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە كۆپلىگەن جەڭلەرگە قاتناشقان. 1059 – يىلى ئاتىسى چاغرى بەگ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، داىسى باشقۇرۇۋاتقان رايونلار تاغىسى سۇلتان تۇغرۇل بەگ تەرىپىدىن ئۇنىڭغا بېرىلگەن. تاغىسى تۇغرۇل بەگ بىلەن ئىناق ئۆتكەن. بىراق 1063 – يىلى تۇغرۇل بەگ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دۆلەتتە تەخت تالىشىش ماجىرالىرى باشلىنىپ كەتكەن. تۇغرۇل بەگنىڭ پەرزەنتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، سۇلتان ئالپ ئارسلاننىڭ تەخت ۋارىسى ئېلان قىلىنغان كىچىك قېرىندىشى سۇلايمان دۆلەتنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرالمىغان، شۇنىڭ بىلەن، مەملىكەتنىڭ ۋەزىيىتى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئارقا  - ئارقىدىن ئىسيان كۆتۈرۈلگەن. مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق بىر پەيتتە، سەلچۇقىيلار ئىمپېرىيەسىنىڭ مەركىزى ئارمىيەسىمۇ ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بىر شاھزادە بولغان سۇلتان ئالپ ئارسلان بارلىق ئىسيانلارنى تىنجىتىپ، پايتەخت رەيگە كەلگەن ۋە مۇراسىم ئارقىلىق تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۆز نامىدىن پۇل باستۇرغان ۋە تۈرلۈك مۇراسىملارنى ئۇيۇشتۇرغان. ئابباسىيلار خەلىپىسى قائىم بىئەمرۇللاھمۇ تۈرلۈك سوغاتلار بىلەن كېلىپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، سۇلتان ئېلان قىلىنغان 1064 – يىلى 27 – ئاپرېلدىن ئېتىبارەن دۆلەتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋە بارلىق ئىسيانلارنى تىنجىتقان يېگانە ھۆكۈمدارى بولۇپ قالغان.

 

سۇلتان ئالپ ئارسلان تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە غەرب سىياسىتىگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بەرگەن. بولۇپمۇ غەربكە ناھايىتى كۆپ  ھەربىي يۈرۈش قىلغان. دۆلەتنىڭ شىمالىي قىسمىدا بولسا مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم ئانادولۇغا قوشۇپ تارتىپ، «ئانادولۇ غازىسى» ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ، قوشۇن تارتىش ئىشلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلاتتى. شۇڭا ئۇ، ھەربىي يۈرۈشلەر جەريانىدا «غازىلىق» ۋە «شېھىتلىك» ئۇقۇمىنى قوشۇنىنىڭ ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈش ئۈچۈن، نۇتۇقلىرىدا بۇنى ئالاھىدە تەكىتلەيتتى.

ئۇنىڭ ئانادولۇغا ھەربىي يۈرۈش قىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەر خىل ئىدى. نوپۇسى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان تۈركمەن ۋە ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ يېڭى يۇرتلارغا بولغان ئېھتىياجلىرى ۋە ئارزۇ – ئارمانلىرى،  شەرقىي ئانادولۇنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىمسىزلىقى ۋە بوشلۇقلار قاتارلىق سەۋەبلەر سەلچۇقىيلار ئىمپېرىيەسى سۇلتانىنىڭ نەزىرىدىن ساقىت بولۇپ كەتمىگەنىدى. سۇلتان ئالپ ئارسلان ھەمىشە تۈركمەنلەرنى ئانادولۇغا كۆچۈشكە تەشۋىق قىلاتتى.

سۇلتان ئالپ ئارسلاننىڭ ئوغلى مەلىكشاھ ۋە ۋەزىرى نىزامۇلمۈلك 1064 – يىلى رەيدىن ھەربىي يۈرۈش قىلىپ، ئەزەربەيجان ئارقىلىق ئاھىلھەلەككىچە ئالغا ئىلگىرىلىگەن ۋە بۇ مەشھۇر شەھەر سۇلتان ئالپ ئارسلاننىڭ گىرۇزىيە ئارقىلىق رايونغا كىرىشىدىن كېيىن پەتھى قىلىنغان. ھازىرقى تۈركىيە چېگرالىرى ئىچىدىكى قارس ۋىلايىتىدىكى ئانى قەلئەسى سۇلتان ئالپ ئارسلاننىڭ ئۇدا بىر ئايدىن ئارتۇق قورشاۋى ئاستىدا قالغاندىن كېيىن، 1064 – يىلى 16 – ئاۋغۇست كۈنى پەتھى قىلىنغان. ئانى قەئەسى پەتھى قىلىنغاندىن كېيىن، ئابباسىيلار خەلىپىسى قائىم بىئەمرۇللاھ سۇلتان ئالپ ئارسلانغا «فاتىھ» يەنى «زەپەر قۇچقۇچى» ئۇنۋانىنى بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن، تۇنجى قېتىم ئانادولۇنى پەتھى قىلغان ھۆكۈمدار بولۇپ قالغان.

سۇلتان ئالپ ئارسلان شەرقتىكى غەيرىي مۇسۇلمان موڭغۇللار ۋە تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشى ئۈچۈن غازات پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. 1071 – يىلى شەرقىي رىم ئىمپېراتورى رومانوس دىئوجېنىسنىڭ قوشۇنىنى بۈگۈنكى كۈندىكى تۈركىيەنىڭ مۇش ۋىلايىتى چېگرالىرى ئىچىدىكى مالازگىرت قەلئەسىنىڭ ئالدىدىكى ئويمانلىقتا مەغلۇب قىلىپ، دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم ھەربىي زەپەرلەردىن بىرىنىڭ ساھىبى بولۇپ قالغان.

قىسقىسى، ئانادولۇنىڭ پەتھى قىلغۇچىسى، غازى ۋە شېھىت سۇلتان ئالپ ئارسلان سان - ساناقسىز زەپەرلىرى ۋە تۆھپىلىرى بىلەن، دۇنيا تارىخىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن تۈرك چولپانلار قاتارىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالغان.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر