قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيەدىكى ھەربىي ئىسياننى لەنەتلىدى

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل قانلىق ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىنى لەنەتلىدى.

539715
قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيەدىكى ھەربىي ئىسياننى لەنەتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ ۋەكىللىرى تۈركىيە بايرىقىنى لەپىلدەتكەن ھالدا تۈركىيە باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇن ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيە خەلقىنى قىزغىن قوللايدىغانلىقىنى، ھەمىشە تۈرك قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.

15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ چاقىرىقىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، باشتىن تارتىپلا تۈركىيە خەلقى بىلەن بىرلىكتە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش تەشەببۇسىغا قارشى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقىگە بولغان قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزۈپ كەلمەكتە. تۈركىيە خەلقىنىڭ دۇنيانى ھاڭ - تاڭ قالدۇرغان مىسلىسىز ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە پىداكارلىقىغا جۈر بولماقتا. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى باياناتلارنى ئېلان قىلىپ، تۈركىيە خەلقىنىڭ ۋەتەننى قوغداش كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى، ھەمىشە تۈرك قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن، ئالدىن پىلانلانغان پىروگراممىلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنى بىكار قىلىپ، مەيدانلارغا چىقىپ، تۈركىيە خەلقى بىلەن مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، تۈرك قېرىنداشلىرىغا بولغان ساداقىنى نامايەن قىلماقتا. ھەتتا ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدە بەزى تورداشلار پروفىل رەسىملىرىنى ئالماشتۇرۇش، بەزى تورداشلار تۈركىيە خەلقىنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە پىداكارلىقىغا بولغان تەسىراتلىرىنى يېزىش، يەنە بەزى تورداشلار تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقىگە دۇئا قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى ئىپادىلىمەكتە. بۇ ئارقىلىق ئۇلار بۇنداق ھايات – ماماتلىق كۈرەشتە ھەمىشە ھەققانىيەتنى ياقىلاپ ماڭىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئەركىنلىككە بولغان ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز  تەشنالىقىنى پۈتكۈل جاھانغا نامايەن قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر