ئۇيغۇرلار ۋالىينى زىيارەت قىلدى

ئۇيغۇرلار يېقىندا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن قەيسەرى ۋالىيسىنى زىيارەت قىلىپ، تەبرىكلىدى.

518078
ئۇيغۇرلار ۋالىينى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  «مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستانلىقلار جەمئىيىتى» نىڭ باشلىقى ئەركىنبەگ ئۇيغۇرتۈرك ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتىنى قوبۇل قىلغان ۋالىي سۇلايمان قامچى ئۇيغۇرلارنى ھەمىشە باغرىغا بېسىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

  ئەركىنبەگ ئۇيغۇرتۈرك قەيسەرىدە 2 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر بارلىقىنى ئەسكەرتتى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن تۈركىيەگە كەلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەيسەرىدە ياشاشقا باشلىغانلىقىنى قەيت قىلدى، ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ۋالىي قامچىغا دوكلات سۇنغاندىن كېيىن، ۋالىينىڭ ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلىشىدىن تولىمۇ خۇشال بولىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

زىيارەتتىن كېيىن،  ئەركىنبەگ ئۇيغۇرتۈرك ۋالىي قامچىغا ئۇيغۇر دوپپىسى ھەدىيە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر