قەيسەرىدە ئۇيغۇرلارغا ئىپتار كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى
قەيسەرىگە بۇرۇن كېلىپ يەرلەشكەن قەدىمىي ئۇيغۇرلاردىن تارتىپ، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان خىتاي بېسىمىدىن قېچىپ تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق قەيسەرىگە كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ پىروگراممىنىڭ ئالاھىدە مېھمىنى بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمىتى، «شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»نىڭ ماسلىشىشى بىلەن قادىر خاس تەنتەربىيە زالىدا ئۇيغۇرلارغا 1000 كىشىلىك ئىپتار كىچىلىكى ئۆتكۈزۈپ بەردى.
ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار كېچىلىكى پىروگراممىسىغا قەيسەرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قاتناشتى.
قەيسەرىگە بۇرۇن كېلىپ يەرلەشكەن قەدىمىي ئۇيغۇرلاردىن تارتىپ، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان خىتاي بېسىمىدىن قېچىپ تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق قەيسەرىگە كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ پىروگراممىنىڭ ئالاھىدە مېھمىنى بولدى.
پىروگراممىدا بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئېيى بولغان رامىزاننىڭ روھىغا ماس ھالدا بارلىق ئۇيغۇرلار ئۆزئارا بىر يەرگە جەم بولدى ۋە دىدارلاشتى.
ئىپتار زىياپىتىدىن كېيىن شېھىتلەرنىڭ رۇھىغا ئاتاپ مەخسۇس دۇئا تىلاۋەت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.