ئاتاقلىق ئالىم يۇنۇس ئەمرە

تۈرك تارىخىدا چاقنىغان چولپانلاردىن ئاتاقلىق ئالىم يۇنۇس ئەمرە.

509003
ئاتاقلىق ئالىم يۇنۇس ئەمرە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك تارىخىدا چاقنىغان چولپانلاردىن ئاتاقلىق ئالىم يۇنۇس ئەمرە 1240 – 1322 – يىللىرى ئارىسىدا ياشاپ ئۆتكەن بولۇپ،  بايانلىرىدىن  ئالىمنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس ئىلمىدە كامالەتكە يەتكەنلىكىنى، مۇدەررىسلىك ۋە قازىيلىق قىلغانلىقىنى بىلىش مۇمكىن. ئۇستازى تابدۇق ئەمرەمۇ كاتتا ئۆلىما بولغاچقا، ئالىممۇ ئۇستازىغا ۋارىسلىق قىلغان، ئەلۋەتتە. يۇنۇس ئەمرە ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن تەسىرى بىلەن ئانادولۇنىڭ مەشھۇر ئەللامەلىرىدىن بىرىدۇر.

تۈرك تارىخى ۋە مەدەنىيىتىدە چاقنىغان بىر چولپان سۈپىتىدە كۈنىمىزدىمۇ تەسىرلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان يۇنۇس ئەمرە موڭغۇللارنىڭ ئىستىلاسى زامانىدا ياشاپ ئۆتكەن. موڭغۇللار ئانادولۇنى بېسىۋالغان مەزگىلدە ئانادولۇ خەلقى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن، شۇڭا يۇنۇس ئەمرە مۇسۇلمان تۈركمەنلەر ئارىسىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئۇلارغا سەۋر – تاقەتلىك بولۇشنى تەۋسىيە قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، يۇنۇس ئەمرە ھەمىشە كائىناتقا سۆيگۈ نەزىرى بىلەن قاراش ۋە مېھرى – شەپقەتلىك بولۇشنى ئەڭ مۇھىم ئىشلار قاتارىغا كىرگۈزگەن. ئانادولۇدا قۇرۇلغان 20 دىن ئارتۇق بەگلىكنىڭ ئىچىدىن قېرىنداشلار تەشكىلاتى، قارامانئوغۇللىرى ۋە ئوسمانئوغۇللىرى ئۇ تۇغۇلغان ۋە ئايلىنىپ چىققان جايلاردا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. ئۇنىڭ ساكاريا ۋادىسىدا ياشاپ ئۆتكەن بىر ئانادولۇ ئەللامەسى ئىكەنلىكىنى تارىخىي مەنبەلەردىنمۇ بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

«رىسالەتۇن نۇسخىييە» ناملىق مەسنىۋى تۈرىدىكى ئەسىرى بىزنى ئۇنىڭ پىكىر دۇنياسى ۋە ياشاپ ئۆتكەن دەۋرىگە دائىر مول مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ھەقتە ئوسمانلى تارىخ كىتابلىرى، داستان خاراكتېرلىك ئەسەرلەر ۋە شېئىرلاردىن مۇھىم مەلۇماتلارغا ئېرىشىش مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئوسمانلى ئارخىپلىرىدىمۇ، فوندى جەمئىيەتلەر ئىدارىسىنىڭ ھۆججەتلىرىدىمۇ يۇنۇس ئەمرەگە مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەر ناھايىتى كۆپتۇر. يۇنۇس ئەمرەنىڭ ئەسكىشەھىرنىڭ مىھالىچجىق ناھىيەسىگە قاراشلىق سانرىكۆيدىكى قەبرىسى ھەقىقەتكە ئەڭ ئۇيغۇن مازار دەپ قوبۇل قىلىنماقتا. ئانادولۇنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىمۇ ئۇنىڭ مازارلىرى باردۇر. جۈملىدىن قارامان، بۇرسا، كۇلا ئەمرە سۇلتان يېزىسى، ئەرزۇرۇم، ئىسپارتا كەچىبورلۇ، ساندىقلى، ئۈنيە ۋە سىۋاس قاتارلىق جايلاردا  ئۇنىڭ مازارلىرى بار بولۇپ، ھەممىسىدە يۇنۇس ئەمرەگە مۇناسىۋەتلىك مەنىۋى رىشتە باردۇر.

تۈرك تارىخىنىڭ نۇرلىرىدىن بىرى بولغان يۇنۇس ئەمرەنىڭ كۆپلىگەن جايلاردا مەقبەرەلىرىنىڭ بار بولۇشى، ئۇنىڭ تەسىر كۈچىنى كۆرسىتىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، يۇنۇس ئەمرە تابدۇق ئەمرەنىڭ يېنىدا ئۇدا 40 يىل ئىلىم تەھسىل قىلىپ، كامالەتكە يەتكەن. جۈملىدىن ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرى بولغان قۇرئان كەرىم بىلەن ھەدىسنى پاساھەتلىك تۈرك تىلى ۋە خەلق تىلىدا چۈشەندۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن، مۇسۇلمان ئانادولۇ خەلقىنىڭ قەلبىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالغان. شۇڭا ئۇنىڭ نامى ئەجدادتىن ئەۋلادقىچە مەڭگۈ ئۇنتۇلماي داۋاملىشىپ كەلگەن. زاماندىشى بولغان كۆپلىگەن تەسەۋۋۇپ ئەھلىلىرىگە ئوخشاش ئۇنتۇلۇپ قالغانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالمىغان. ئەھمەد يەسەۋى، تابدۇق ئەمرە، ھاجى بەكتاشى ۋەلى، مەۋلانا قاتارلىق ئالىملارنىڭ سۇفىيلىق سۇلۇكى يۇنۇس ئەمرەنىڭمۇ سۇلۇكى ئىدى.

يۇنۇس ئەمرەنىڭ شېئىرلىرى بولۇپمۇ ھەجە ۋەزنىدە ئوقۇلغان ۋە يېزىلغاندۇر. ھۆكمەتلەرنىڭ بىر قىسمى «ئارۇز ۋەزنى» دە ئېيتىلغان بولۇپ، خەلق چىن دىلىدىن سۆيۈپ ئېيتىدىغان ھۆكمەت شەكلى ئوتتۇرىغا چىققان. مەنىسى چوڭقۇر شېئىرلىرىدىن پەقەت بىر مىسراسى ھەققىدە شەرھى كىتابلىرىنىڭ يېزىلىشى ئۇنىڭ تۈرك مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ئورنىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە يۇقىرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

يۇنۇس ئەمرەنىڭ 12 مىڭ مىسرادىن تەشكىل تاپقان ئەڭ مۇھىم ئەسىرى «دىۋان»، خۇددى ئەھمەد يەسەۋىنىڭ «دىۋانى ھېكمەت» ناملىق ئەسىرىگە ئوخشاشلا ئۆزىدىن كېيىن يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن باشقا شېئىرلىرىنىڭمۇ بارلىقى قوبۇل قىلىنماقتا. دىۋاننىڭ يازما نۇسخىلىرى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، تەسۋىر جەھەتتىن سەيياد ھەمزە، سۇلتان ۋەلەد، گۈلشەھرى ۋە ئاشىق پاشانىڭ ئەسەرلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.

قىسقىسى، يۇنۇس ئەمرە ساپ ئانادولۇ تۈركچىسى بىلەن سۆزلەيدىغان بىر ئەللامە، ساپ مۇسۇلمان ئېتىقادى بويىچە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىدىغان بىر سۇفىي تۈركمەن دەرۋىشى ۋە دانىشمىنى ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر