ئۇيغۇرلار رامىزانىڭ بىرىنچى كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزدى؟

خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى يىللاردىكىگە ئوخشاش، بۇ يىلمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەشكە ئۇرۇنماقتا.

505558
ئۇيغۇرلار رامىزانىڭ بىرىنچى كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزدى؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار خۇشاللىق ۋە سۆيگۈ – مۇھەببەت بىلەن رامىزاننىڭ بىرىنچى ئىپتارىنى قىلىپ، جامەلەرگە توپ – توپ بولۇپ بېرىپ، تەراۋىھ نامىزىنى ئوقۇغاندا، ئۇيغۇرلار رامىزاننىڭ بىرىنچى كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزدى؟ «ئەلجەزىرە» قانىلىنىڭ تور بېتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزاننى قانداق ئۆتكۈزىدىغانلىقى مۇنداق يېزىلدى:  

خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق تور بەتلەر ئۇيغۇر ئېلىدە مەمۇرلار، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ۋە بالىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. 10 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۈركى ياشايدىغان ئۇيغۇر ئېلىدە، ئاشخانا – رېستورالارنىڭ ئېچىلىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈلدى. كورلا شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېتىدە، «پارتىيە ئەزالىرى، دۆلەت مەمۇرلىرى، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ۋە كىچىك بالىلار رامىزان بويىچە روزا تۇتماسلىقى ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق؛ يىمەك – ئىچمەك ساتىدىغان دۇكان ۋە ئاشخانىلارنى تاقىماسلىق» دېگەن ئۇقتۇرۇش تارقىتىلدى.

ئىگەچى بازىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان ئەخمەتجان توختى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى، دۆلەت مەمۇرلىرى، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ۋە كىچىك بالىلارنىڭ رامىزان ئېيىدا جامەلەرگە كىرىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رامىزان ئېيى چەكلىمىلىرىنى تەنقىد قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى بېيجىڭ ھاكىمىيىتىگە تەھدىت دەپ چۈشىنىدۇ» دېدى.

خىتايدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ۋە رەسمىي ئاتېئىست بولغان خىتاي كومپارتىيەسى، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، دىنغا ئىشىنىدىغان خەلقلەرنى قاتتىق كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بۇ خىل ئەھۋالنىڭ رايوندىكى ئېتنىك يىرىكچىلىكلەرنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى؛ بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا مىڭلارچە ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، رايوندىكى توقۇنۇشلارنى «دىنىي ئاشقۇنلۇق» ۋە «تېررورلۇق» قا دۆڭگىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر