تايلاند تۈرمىسىدىكى ئىككى ئۇيغۇر ئۈچۈن تەرجىمان تېپىلمىغان
2105 – يىلى تايلاندتىكى پارتلاشقا چېتىشلىق دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى ئۇيغۇرغا تەرجىمان تېپىلمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىكى بىرىنىڭ ئادۋوكاتى چۇچارت خانپىھاي (Choochart Khanphai (دۈشەنبە (6 – ئىيۇن) ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۇيغۇرچە – ئىنگىلىزچە تەرجىماننىڭ تېپىلمىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئىلگىرىكى سوتلىرىدا تەرجىمانلىق قىلغان ئۆزبېك تەرجىمان باھادىروف يېنىدىن زەھەرلىك چېكىملىك چىقىپ قالغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئەمما ئۇ، بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.