خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى توغرىسىدا ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن (پەيشەنبە) «شىنجاڭدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، رايوننىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئۇچۇر بەردى.

502496
خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى توغرىسىدا ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن (پەيشەنبە) «شىنجاڭدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋەزىيىتىنىڭ «تارىختىكى ھەر قانداق مەزگىلگە سېلىشتۇرغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە ياخشى ئىكەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رامىزان ئېيىنىڭ باشلىنىشىغا ساناقلىق كۈنلەر قالغاندا ئېلان قىلغان مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابىدا، «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 1949 – يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاساسىي قانۇننىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك پىرىنسىپلىرىنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنغانلىقى، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىنغانلىقى، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ ئادەتتىكى دىنىي ئېھتىياجلىرىنىڭ پائال قامدالغانلىقى» ئالاھىدە تەكىتلەندى.

ئاق تاشلىق كىتابتىكى «رامىزان ئېيىدا مۇسۇلمانچە ئاشخانا – رېستورانلارنىڭ ئېچىشنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى تاقىۋېتىش ئەركىنلىكىنىڭ بولىدىغانلىقى» غا دائىر ئىبارە، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. چۈنكى، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان ئېيىدا ھەر خىل بېسىملارغا دۇچ كېلىدىغانلىقى، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار، پارتىيە ئەزالىرى، دۆلەت مەمۇرلىرى قاتارلىقلارنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى ياكى روزىسىنىڭ مەجبۇرىي بۇزدۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر دۇنيا مىقياسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان، شۇنداقلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغانىدى.

ئۆتكەن يىلى خوتەن شەھەر لاسكۇي بازار ئاق تاش كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 2015 – يىلى 1- مايدىن بۇرۇن تەۋەلىكىدىكى دۇكان ۋە ئاشخانىلارنىڭ «ئاز دېگەندە 5 تۈرلۈك ھاراق ۋە 5 تۈرلۈك تاماكا سېتىش، ساتقاندىمۇ ئۇنى كۆزگە چېلىقىدىغان يەرگە تىزىشى» نى تەلەپ قىلىشى كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا قاراماي شەھىرىدە يۈزىنى يۆگىگەن ئاياللار بىلەن ئۇزۇن ساقال قويغان كىشىلەرنىڭ ئاممىۋىي قاتناش ۋاسىتىلىرىغا چىقىشىغا بولمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ كاپالەت ئاستىدا ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان ئاق تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلگىنىنىڭ ئەكسىچە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېتنىك ۋە دىنىي سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

ئاق تاشلىق كىتابتىكى رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە 24  مىڭ مەسچىت، 59 بۇتخانا، 277 چېركاۋ بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر