ئۇقتۇرۇش: «غەيرى كىيىنگەن» ئاياللار تۇتۇپ ئۆزگەرتىلىدۇ

كورلا شەھىرى نەشپۈت چېچىكى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان بىر پارچە ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، دائىرىلەر «غەيرىي شەكىلدە كىيىنگەن ئاياللارنى تۇتۇپ ئۆزگەرتىش» خىزمىتىنى يولغا قويىدىكەن.

496341
ئۇقتۇرۇش: «غەيرى كىيىنگەن» ئاياللار تۇتۇپ ئۆزگەرتىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كورلا شەھىرى نەشپۈت چېچىكى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان ئۇقتۇرۇشىدا، بەلگىلىمىگە رېئايە قىلمىغۇچىلار قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، «چارلاش خادىملىرىغا تۇتۇلۇپ قالسىڭىز بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزىڭىز مەسئۇل بولىسىز. بۇ قېتىمقى خىزمەتنىڭ ئاقىۋىتى ئېغىر بولۇپ، تۇتۇۋېلىنغان ئاھالىلەرگە جەرىمانە قويۇش، كىملىكىگە چېكىت قويۇپ نۇقتىلىق باشقۇرۇش ئوبيېكتى قىلىش، ئۆزگەرتىش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇش قاتارلىق جازا تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

نەشپۈت چېچىكى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان 2016 – يىلى 19- مايدىكى مەزكۇر ھۆججەتتە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ، «يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، كورلا شەھىرى بويىچە ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا شەكلى ئۆزگەرگەن ياغلىق چەگكەن (ياغلىقنىڭ ئالدىغا كىچىك قىسقۇچ ئىلغانلار، ياغلىقنىڭ ئىچىگە پوسما كىيگەن) لەر، شارپا ئارتقان (شارپىنى بوينىغا يۆگىۋالغانلار، ھەر خىل شەكىلدە پاسۇن چىقىرىپ چىگىۋالغانلار)، جىلباب شەكلىدىكى كىيىم كىيگەنلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم كىيىش ئادىتىگە ماس كەلمىگەن ھالدا كىيىنگەن خانىم – قىزلار، ئاياللارغا نىسبەتەن تۇتۇپ ئۆزگەرتىش خىزمىتى باشلاندى» دەپ كۆرسىتىلدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى مەزكۇر ئۇقتۇرۇشقا قارىتا يېزىلغان ئىنكاسلاردا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ رامىزان ئېيىغا پەقەت ئۈچ ھەپتىلا قالغاندا تارقىتىلىشى، بۇ رامىزاندىمۇ ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشاش بىر قىسىم قاتتىق تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر