رۇسىيە تاتار مەجلىسىنى ئاشقۇن تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

رۇسىيە قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسىنى ئاشقۇن تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

473897
رۇسىيە تاتار مەجلىسىنى ئاشقۇن تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسى پائالىيەتلىرى ئاشقۇن پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك، 2016 – يىلى 18 – ئاپرېلدىن ئېتىبارەن چەكلەنگەن ئاشقۇن تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى» دېيىلگەن.

رۇسىيە تەرىپىدىن قىرىمنىڭ تەپتىش ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنگەن ناتاليا پوكلونسكايا 15 – ئاپرېل كۈنى قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسىنىڭ تاقىۋېتىلىشى ئۈچۈن قىرىم ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنغان، بىرىنچى قېتىملىق سوت 3 – مارت كۈنى ئېچىلغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى سوت ئىشلىرى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى كۆپ قېتىم كېچىلتۈرۈلگەن، ئاخىرقى قېتىملىق سوتنىڭ 25 – ئاپرېل كۈنى ئېچىلىشى قارار قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر