ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى بولغان خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە «ئۇيغۇر مىللىتى» ناملىق كىتاب نەشر قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 30 - مارت كۈنى دەيۋىد بروفىينىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا بېغىشلانغان «ئۇيغۇر مىللىتى: خىتاي-رۇسىيە چېگراسىدا ئىسلاھات ۋە ئىنقىلاب» ناملىق تۇنجى كىتابىنى نەشر قىلدى. ئاپتور ئەسىرىدە 1920 - يىللاردىن كېيىنكى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە بۇنىڭ شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر مىللەتچىلىك ئىدىيەسىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى نۇقتىلىق ھالدا بايان قىلغان. ئاۋسترالىيە سېدنىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى دەيۋىد بروفىي يېقىنقى يىللاردا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر بىرقاتار ماقالىلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان ياش تارىخشۇناسلارنىڭ بىرى. ئۇ 2012- يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغاندىن كېيىن، ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى يىللىق پوست دوكتورلۇق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، 2014- يىلىدىن بۇيان سېدنىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلماقتا. ئاپتورنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە «ئۇيغۇر» نامى مىلادى 11 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ تەدرىجىي ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان. كېيىنچە بۇنىڭ ئورنىنى تارىم ۋادىسىدىكى بوستانلىقلارنى ئاساس قىلغان يۇرت كىملىكى ئىگىلىگەن. چار رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىشى ھەمدە سوۋېت ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىنكى سىياسىي مۇھىتنىڭ نەتىجىسىدە بۇ رايوندىكى تۈركىي تىللىق مىللىي تەركىبلەر ئومۇمىي جەھەتتىن بىر تۈركىي توپ بولۇشتىن ئايرىم گەۋدە بولۇپ ئايرىلىپ چىقىشقا باشلىغان. شۇ قاتاردا «ئۇيغۇر» نامى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى مەسىلىسىمۇ يەرلىك زىيالىيلار ئارىسىدا كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلۈشكە باشلىغان. بۇ بولسا ئەسەرنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى ئومۇمىي ئارقا كۆرۈنۈش بولۇپ قالغان. ئاپتور كىتابنىڭ قوشۇمچە ماۋزۇسىدا ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن «ئىنقىلاب ۋە ئىسلاھات» ھادىسىسىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىگە روشەن تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى، 1930 - يىللاردا ئەۋج ئالغان «جەددىچىلىك»، يەنى «يېڭىچە مائارىپ» ھەرىكىتى ھەمدە ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ ئۆزگىچە خاراكتېرگە ئېگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. شۇ ۋاقىتلاردىكى مۇرەككەپ تارىخىي شارائىتتا رۇسىيە بولشېۋىكلىرى ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ مەلۇم سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. 1930 - يىللاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىگە ئالاقىدار بەزى مۇرەككەپ ئەھۋاللارنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلغان.
مەزكۇر ئەسەر ئۇيغۇرلار تارىخىنىڭ تولىمۇ مۇرەككەپ بىر دەۋرى مەزمۇن قىلىنغان مۇلاھىزە بولغاچقا، بۇ ھەقتىكى تەتقىقات كۆپ خىل تىللاردىكى ئارخىپ ماتېرىياللىرىغا، بولۇپمۇ بىرىنچى قول مەنبەلەرگە چېتىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاپتور ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر، تۈرك، رۇس، خىتاي، فارس، تاتار، مانجۇ، گېرمان، فىرانسۇز قاتارلىق تىللارنى ئۆگەنگەنلىكىدەك ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، شۇ تىللاردىكى ماتېرىياللاردىن تولۇق پايدىلىنىش ئارقىلىق تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئەمگەكنى ۋۇجۇدقا چىقارغان.