ھۆرلۈك ئۈچۈن پەرۋاز قىلىپ، ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر

ھۆرلۈك يولىدا ئۈمىد تۇلپىرىغا مىنىپ، كۆكتە پەرۋاز قىلىپ، ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر

455939
ھۆرلۈك ئۈچۈن پەرۋاز قىلىپ، ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، د ئۇ ق نىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى دولقۇن ئەيسا 2016‏-يىللىق ئامېرىكا «ترۇمېن-رېگان ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. مەزكۇر مۇكاپات ئامېرىكا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە ۋەخپى» تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 2015‏- يىلى كۇبالىق دوختۇر ۋە ئۆكتىچى ژۇرنالىست گۇلېرمو فارىناس، رۇسىيەلىك ژۇرنالىست ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئالىكساندىر پودرابېنىك، خىتاي ئۆكتىچى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى چېن گۇاڭچىڭغا بېرىلگەن. «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى جەمئىيىتى» بۇ يىل مەزكۇر مۇكاپاتنى دولقۇن ئەيساغا لايىق كۆرگەن بولۇپ، فوندى جەمئىيەت تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئەركىنلىك مۇكاپاتى پۈتكۈل ھاياتىنى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەگە ئاتىغان، كوممۇنىزم ۋە ئىستىبداتلىقنىڭ بارلىق شەكىللىرىگە قارشى تۇرغان شەخسلەر ۋە گۇرۇپپىلارغا بېرىلىدىكەن. ئۇيغۇر رايونىنىڭ كەلپىن ناھىيەسى يورچى بازىرىدا تۇغۇلغان دولقۇن ئەيسا ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. ئەمما 1988‏-يىلى «تەڭرىتاغ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نى تەشكىللەشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، شۇ يىلى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە قارشى «15‏-ئىيۇن نامايىشى» دىكى رولى سەۋەبلىك مەكتەپتىن قوغلانغان. 1994‏-يىلى تۈركىيەگە قېچىپ چىققان دولقۇن ئەيسا 1996‏-يىلدىن كېيىنكى ھاياتىنى گېرمانىيەدە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، گېرمانىيەدىكى 20 يىللىق ھاياتىدا دۇنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى، ئىجرائىيە مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئىگىلىنىشىچە، ئۇ مۇكاپاتنى 30‏‏-مارت كۈنى تاپشۇرۇۋالىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر