ھىندونېزىيە ئىككى ئۇيغۇرنى ئېتىۋەتتى

ھىندونېزىيە ئۆزىدىن پاناھلىق تىلىگەن ئىككى ئۇيغۇرنى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن خىتاي ئەلچىخانىسىغا مەلۇم قىلدى.

452299
ھىندونېزىيە ئىككى ئۇيغۇرنى ئېتىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «فىرانسىيە ‹ئاخبارات ئاگېنتلىقى›» نىڭ ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادىن خەۋەر قىلىشىچە، ھىندونېزىيە ساقچىلىرى ھىندونېزىيەنىڭ مەركىزى سۇلاۋىسى ئۆلكىسىدىكى بىر ئورمانلىقتا پاناھلىنىۋاتقان ئىككى ئۇيغۇرنى ئېتىۋەتكەن، ساقچىلار ئۇلارنى «شەرقىي ھىندونېزىيە مۇجاھىدلىرى» ناملىق بىر تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى دەپ ئەيىبلىگەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى ئەبۇ ۋارداھ سانتاسو دائېشقا بەيئەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ھىندونېزىيە ئۇنىڭ ئۈستىدىن بىرىنچى نومۇرلۇق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانىدى. ھىندونېزىيە ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندونېزىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى 6- مارت مەركىزى سۇلاۋىسى ئۆلكىسىدىكى بىر ئورمانلىقتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، سالاھىيىتى نامەلۇم بىر تۈركۈم كىشىلەر بىلەن توقۇنۇشقان. ھىندونېزىيە دائىرىلىرى ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى كىشىنى خىتاي تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر دەپ بېكىتكەن ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىغا مەلۇم قىلغان. لېكىن خىتاي ئەلچىخانىسى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى رەت قىلغان. ھىندونېزىيە ساقچىلىرى قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئاغزاكى ئىقرارىغا ئاساسەن بۇ تەشكىلاتتا باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى جەزمىلەشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۆتكەن يىلىمۇ تۆت نەپەر ئۇيغۇر ھىندونېزىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان دەپ ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىغان ۋە سوتقا تارتىلىپ، 4 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. ئىگىلىنىشىچە، مۇسۇلمان دۆلەت بولغان ھىندونېزىيەنىڭ زۇلۇم ۋە بېسىمدىن قېچىپ، پاناھلىق تىلىگەن 2 ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرۈۋېتىشى چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر