«قاراقاش مۇقام ۋارىسلىرى مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى»

قاراقاش ناھىيەسىدە «مۇقام ۋارىسلىرى مەركىزى» نىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

434137
«قاراقاش مۇقام ۋارىسلىرى مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قاراقاش ناھىيەسىدە يەتتە مىليون سوم مەبلەغ سېلىنىپ، «مۇقام ۋارىسلىرى مەركىزى» ئىشقا كېرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 3251.4 كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. مەركەز كۆرگەزمە زالى، ئويۇن قويۇش زالى، پائالىيەت زالى، تەتقىقات ئىشخانىسى، كۆرۈش سۇپىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مەركەزنىڭ نىشانى مۇقام ۋارىسلىرى ۋە ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرى ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، ئۆگىنىدىغان ۋە ماھارەتلىرىنى نامايان قىلىدىغان ياخشى سورۇن بەرپا قىلىش ئىكەن. ئەمما كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ سەنئەتنى سۇيىئىستېمال قىلغانلىق ھېسابلىنىدىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «بۇ خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشى» دەپ قارىلىپ، ھەم قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىماقتا ھەمدە زور غۇلغۇلا قوزغىماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر