سۇر ناھىيەسىدە ئۈچ ئەسكەر شېھىت بولدى

دىيارباكىر ۋىلايىتىنىڭ سۇر ناھىيەسىدە پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ياسىغان بومبىسىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ئۈچ ئەسكەر شېھىت بولدى.

425020
سۇر ناھىيەسىدە ئۈچ ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىياباكىرنىڭ سۇر ناھىيەسىدە كوچىغا چىقىش چەكلىمىسىنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلگەندىن كېيىن، توقۇنۇشلار تېخىمۇ شىددەتلەندى. سۇر ناھىيەسىدە تېررورچىلار كۆمگەن بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 3 ئەسكەر شېھىت بولدى، ئالتە ئەسكەر يارىلاندى.

سۇر ناھىيەسىدىكى كوچىغا چىقىش چەكلىمىسىنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلدى. ناھىيەدىكى ئالتە مەھەللىدە يولغا قويۇلغان كوچىغا چىقىش چەكلىمىسى، يەنە بەش مەھەللە ۋە بىر كوچىدىمۇ يولغا قويۇلدى.

پ ك ك تېررورچىلىرى قاچقان ۋاقتىدا بىنالارغا ئوت قويۇپ بەرمەكتە.

تۈركىيە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى شىرناقنىڭ جىزرە ناھىيەسىدە داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 11، دىيارباكىرنىڭ سۇر ناھىيەسىدە توققۇز بولۇپ، جەمئىي 20 تېررورچىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

يېقىنقى كۈنلەردىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن تېررورچىلارنىڭ سانى جىزرەدە 465 كە، سۇردا 134 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر