تايلاندتا يەنە بىر ئۇيغۇر كىچىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى

خىتاينىڭ بېسىمىدىن قېچىپ، قانۇنسىز يوللار بىلەن تايلانتقا كەلگەندە قولغا ئېلىنىپ لاگىرلاردا يېتىشقا مەجبۇر بولغان 300 نەپەر ئۇيغۇر تۈركىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى داۋاملاشماقتا.

279699
تايلاندتا يەنە بىر ئۇيغۇر كىچىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تايلاندتىكى لاگېرلاردا يەنە بىر ئۇيغۇر كىچىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
خىتاينىڭ بېسىمىدىن قېچىپ، قانۇنسىز يوللار بىلەن تايلانتقا كەلگەندە قولغا ئېلىنىپ لاگىرلاردا يېتىشقا مەجبۇر بولغان 300 نەپەر ئۇيغۇر تۈركىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى داۋاملاشماقتا.
ئۆتكەن قېتىممۇ تايلاند ۋە مالادشىيادىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەھۋالى كۈنتەرتىپكە كەلگەن بولۇپ، لاگېرلاردىكى ناچار شارائىت، يېتەرلىك ئوزۇقلىنالماسلىق ۋە كىملىكلىرى بولمىغانلىقى يۈزىسىدىن دوختۇرخانىلاردا داۋالىنالماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇلارنىڭ كېسەل بولۇپ كەتكەنلىكى، كىچىك بالىلارنىڭمۇ داۋالىنالمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئىنتايىن ئادەتتىكى كېسەللەر تۈپەيلىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى خەۋەرلەگە چىققان ئىدى.
بۈگۈن ئەتىگەن يەنە بۇ لاگېرلاردىن بىرسىدىن ئۆلۈم خەۋىرى كەلدى.
ئىجتىمائىي ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدە كەڭ تارقالغان خەۋەردە بۇ ھەقتە مۇنۇلار قەيت قىلىندى:
«7 ياشلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئابدۇللاھ ئابدۇلۋەلى مەلۇم مەزگىل ئىلگىرى كېسىلى ئېغىرلاشقاندىن كېيىن تايلاندتا تۇرۇشلۇق تۈركىيە ئەلچىخانىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىنغان. تۈركىيە ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە بالا دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغان. بىراق كېسەلدە ھېچقانداق ياخشىلىنىش بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئەلچىخانا خادىملىرى تايلاند دائىرىلىرىگە رەسمىي ئىلتىماس سۇنۇپ، بالىنى تۈركىيەگە يۆتكەپ داۋالاشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، تالايد دائىرىلىرى بۇ تەلەپكە خېلى ئۇزۇنغىچە ھېچ قانداق جاۋاپ قايتۇرماي تۇرۇۋالغان. شۇنىڭ بىلەن 7 ياشلىق ئابدۇللاھ ئابدۇلۋەلى داۋالاش ئۇنۈم بەرمەي بۈگۈن ئەتىگەن دوختۇرخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان.»
كۆزەتكۈچىلەر ئەگەر بۇ 300 نەپەر ئۇيغۇر تۈركى سەھىيە شارائىتى ناچار لاگېرلاردا تۇرۇۋېرىدىغان بولسا، ھاۋا كىلىماتىغا كۆنەلمەسلىك سەۋەبىدىن، بولۇپمۇ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، تازىلىق مۇھىتىنىڭ ناچارلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئايالار كىچىك بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئېغىر خەۋپ ئاستىدا قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
مۇتەخەسسىلەر بىلەن تەتقىقاتچىلار 300 نەپەر ئۇيغۇر تۈركىنىڭ ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە خىتايغا قايتۇرىۋېتىش ئەندىشىسىنىڭمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر