يەنە 8 ئۇيغۇر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى

ئۈرۈمچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، بۈگۈن (دۈشەنبە) ئاپرېل ئېيىدا ئۈرۈمچىدە مەيدانغا كەلگەن پارتلاش ۋەقەسى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 8 ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى.

140358
يەنە 8 ئۇيغۇر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۈرۈمچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى سەككىز ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى، بەش ئۇيغۇرغا كېچىكتۈرۈلگەن ئۆلۈم جازاسى، تۆت ئۇيغۇرغا مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى.
خىتاي تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە، ئاپرېل ۋە ماي ئايلىرىدا يۈز بەرگەن پىچاق ھەمدە پارتلىغۇچى ماددىلار قوللىنىلغان ھۇجۇملاردا 46 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، 200 گە يېقىن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. بۇ ۋەقەلەرنىڭ بىرى ئاپرېل ئېيىدا ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىدى.
ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى ئىككى يىلدا يۈز بەرگەن ھەر خىل زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 200 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. بۇ جازالار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ داۋامى، دەپ قارالماقتا.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەلەرگە «بۆلگۈنچى» دەپ ئاتىغان گۇرۇپپىلارنى جاۋابكار دېسە، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋەقەلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزگەن مەدەنىيەت ۋە دىنىي جەھەتتىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنىڭ تەسىرىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

 



خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر