ئەزەربەيجان بايرىقى ئەڭ ئېگىزدە

دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز 2 - بايراق مومىسىدا ئەزەربەيجان بايرىقى لەپىلدىمەكتە.

153334
ئەزەربەيجان بايرىقى ئەڭ ئېگىزدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز 2 - بايراق مومىسىدا ئەزەربەيجان بايرىقى لەپىلدىمەكتە.
ئەەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا، خەلق ئاممىسىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز 2 - بايراق مومىسىغا ئەزەربەيجان بايرىقى چىقىرىلدى.
ئەزەربەيجان دۆلەت بايرىقى مەيدانىدا پايتەخت خەلقىنىڭ قىزغىن قاتنىشى بىلەن «مەن ئەزەربەيجانلىق» ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.
پارلامېنت ئەزالىرى، دۇنيا چىمپېيونلىرى، سەنئەتچىلەر ئوقۇغۇچى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتتە، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز 2 - بايراق مومىسىغا ئەزەربەيجان بايرىقى چىقىرىلدى.
پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ دۆلەت مارشىنى ئوقۇشى ۋە شوئارلارنى توۋلاشلىرى بىلەن تەڭ بىر ۋاقىتتا، كەڭلىكى 30 مېتېر ۋە ئۇزۇنلىقى 70 مېتېر كېلىدىغان چوڭ بايراقنى ھەممەيلەن مۇرىلىرىدە كۆتۈرۈشكەن ھالدا بايراق مومىسىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى.
بايراق چوشقۇن كەيپىيات ئىچىدە مومىغا چىقىرىلغاندىن كېيىن بارلىق قاتناشقۇچىلار بايراق ئالدىدا ھۆرمەتتە تۇردى. ئاندىن خاتىرە رەسىملەرگە چۈشكەندىن كېيىن مۇراسىم ئاخىرلاشتى.
باكۈدا 2010 – يىلى 162 مېتېر ئېگىزلىكتە ياسالغان بايراق مومىسى دۇنيا جېننېس رېكورتلىرى تەشكىلاتى تەرىپىدىن "دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز بايراق مومىسى" دەپ ئەنگە ئېلىنغان بولۇپ، 2011 – يىلىدا تاجىكىستان 165 مېتىر ئېگىزلىكتە بايراق مومىسى ياسىغاندىن كېيىن بۇ ئۇنۋان تاجىكىستانغا ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر