ھىندونېزىيە تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە بايانات بەردى

ھىندونېزىيە قولغا ئېلىنغان 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ "ئى ش ئى د" بىلەن باغلىنىشلىقى يوقلۇقىنى ئېلان قىلدى.

133908
ھىندونېزىيە تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە بايانات بەردى



تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 13 – سىنتەبىردە ھىندونېزىيەنىڭ پۇلائۇ ئارالىدا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى "ئى ش ئى د" بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ قولغا ئېلىنغان 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ "ئى ش ئى د" بىلەن باغلىنىشلىقى يوقلۇقى، ئۇيغۇر رايونىدىكى بېسىمدىن قېچىپ چىققان كۆچمەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.
ياپونىيەدە چىقىدىغان "AŞAHİ ŞİMBON" گېزىتىنىڭ 17 - سىنتەبىردە ئېلان قىلىنغان شۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ھىندونېزىيە دۆلەتلىك باش ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى رافلى ئامارنىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىغا كەڭ ئورۇن ئاجرىتىلدى.
خەۋەردە، ھىندونېزىيە دۆلەتلىك باش ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى رافلى ئامار پۇلائۇنىڭ سۇلۋاسى ئارىلىدا ھىندونېزىيەلىك باشقا 3 نەپەر جىنايەتچى بىلەن بىرلىكتە قولغا ئېلىنغان 4 كىشىنىڭ "ئى ش ئى د" بىلەن باغلىنىشلىقى يوقلۇقىنى، بەلكى ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىملىرى تۈپەيلى قېچىپ چىققان چارىسىز ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى "ئى ش ئى د" بىلەن چېتىشلىقىغا دائىر ھېچ قانداق پاكىت ئۇچراتمىغانلىقىنى، گۇماندارلارنىڭمۇ ئۆز يۈرتىكى بېسىملار تۈپەيلى پاناھلىق ئىزدەپ قېچىپ چىققانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.
خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، باياناتچى ئامار ئۇلارنىڭ ئىنگىلىزچە ياكى باشقا ھېچ بىر ئىككىنچى تىلنى بىلمەيدىغانلىقىنى، پەقەتلا ئۇيغۇرچە سۆزلىشەلەيدىغانلىقىنى، ۋەتىنىدىن قېچىپ چېقىشتا، خىتاي، ۋېيتنام، تايلاند، كامبودژا ۋە مالايشىيا ئارقىلىق ھىندونېزىيەگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
باياناتچى ئامار يەنە، بۇ 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھىندونېزىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تۇتۇش ھەرىكىتىدە "سانتوسۇ" ئىسىملىك ئۇزۇندىن بۇيان قېچىپ يۈرگەن تېررورلۇق گوماندارى شەخس بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقى تۈپەيلى قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى"ئى ش ئى د" ۋە ياكى باشقا ھەر قانداق بىر تېرررولۇق تەشكلاتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق پاكىت يوقلۇقىنى قەيت قىلغان.
ھىندونېزىيەدە 4 نەپەر ئۇيغۇر قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باناتچىسى خوڭلېي دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى "ئى ش ئى د" بىلەن چېتىشلىقى بولغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر