ئىلھام توختىنىڭ كىيىم – كېچەك تەلىپىمۇ رەت قىلىندى

ئۇيغۇر ئاكادېمىك ئىلھام توختىنىڭ ھېلىھەم كىشەن بىلەن تۇرۇۋاتقانلىقى ۋە قېلىن كىيىم – كېچەك بىلەن تەمىنلىنىش توغرىسىدىكى تەلىپىنىڭ رەت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

128318
ئىلھام توختىنىڭ كىيىم – كېچەك تەلىپىمۇ رەت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىلھام توختىنىڭ ئاۋدوكاتى لى فاڭپىڭ، ئىلھام توختىنىڭ پۇتىدا ھېلىھەم كىشەن بارلىقىنى، قېلىن كىيىم تەلىپىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋالنىڭ ھەم ئادالەتسىزلىك ھەم كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ئىلھام توختى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش بىلەن تونۇلغان ئىقتىساد پىروفېسسورى بولۇپ، چارشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە سوتلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.
ئىلھام توختى يانۋار ئېيىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىنى خىتايدىن مۇستەقىل قىلىشقا ئورۇنۇش بىلەن ئەيىبلەنگەنىدى. ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى قالايمىقانچىلىقلارنى «ئىسلامچى مىلىتانلار» بىلەن «بۆلگۈنچى» لەرنىڭ چىقارغانلىقىنى جاكارلىشىنىڭ بىر پارچىسىدەك كۆرۈنمەكتە.
ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ رويتېرس مۇخبىرىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «ئىلھام توختىنىڭ پۇتىدا ھېلىھەم كىشەن بار. ئۈرۈمچى ئاللىقاچان سوۋۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ ھازىرغىچە قىسقا يەڭ كىيىملەرنى كىيىۋاتىدۇ، كېسەل بولۇپ قالدى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئەۋەتكەن كىيىملىرى ئۇنىڭغا بېرىلمىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
دۈشەنبە كۈنى ئىلھام توختى بىلەن كۆرۈشكەن ئادۋۇكات لى فاڭپىڭ، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۇنىڭ روھى ھالىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە بۇ ئەھۋاللارغا ئۇزۇن مۇددەت دۇچار بولۇشنىڭ، خىتاينىڭ قانۇنلىرىنىڭمۇ دەپسەندە قىلىنىشى ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
لى فاڭپىڭ ئەيىبلىگۈچىلەرنىڭ سوتنىڭ ئۈرۈمچىدە ئەمەس ئىلھام توختى ياشىغان، خىزمەت قىلغان ۋە ئۇيغۇرچە تور بېىتىنى باشقۇرغان بېيجىڭدا ئېچىلىشىغا دائىر تەلەپنى رەت قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىلھام توختىنىڭ مەزكۇر تور بېتىدە ئىشلىگەن كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭمۇ قولغا ئېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.
لى فاڭپىڭ يەنە، «ئۇلار ئائىلىسى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن فوتو – سۈرەتلەرنىمۇ ئۇنىڭغا بەرمىدى. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار ھېلىھەم فوتو – سۈرەتلەرنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار فوتو – سۈرەتلەردە يوشۇرۇن كودلارنىڭ بولۇپ قېلىشىدىن قورقماقتا» دېگەنلەرنى قوشۇمچە قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى، «شەرقىي تۈركىستان» نامىدا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش نىيىتىدىكى مۇسۇلمان مىلىتانلارنى ئۇيغۇر رايونى ۋە خىتاي مىقياسىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنىڭ جاۋابكارى، دەپ ئەيىبلىمەكتە.
«قەلەم ۋە قەغەز»
كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلامنى كونترول قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بېسىم سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا قارشى تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلماقتا. بېيجىڭ بولسا، بۇ قاراشلارنى رەت قىلىپ، شىمال ۋە ئوتتورا ئاسىيادىكى قوشنا ئەللەردىن كەلگەن مىلىتانلارنى خىتايدىكى قالايمىقانچىلىقلارنىڭ جاۋابكارى، دەپ قارىماقتا.
ئىلھام توختى بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى بولۇپ، ھېچقانداق تېررورچى گۇرۇپپا ياكى چەت ئەللەردىكى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى يوق. ئۇ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ۋە قانۇنىي ھوقۇقلىرىنى دىموكراتىيە يولى بىلەن تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتاتتى.
ئىلھام توختى ئۆزىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنى ئۆزلۈكسىز رەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ئەيىبلەش ئۈچۈن ئىلھام توختىغا يەڭگىل بولغاندا 10 يىللىق قاماق جازاسى، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى مۇمكىن ئىكەن. چۈنكى كوممۇنىستىك پارتىيە سوتنى ناھايىتى قاتتىق كونترول قىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى دېلولاردا ھەممە ئىش ئالدىنئالا خۇلاسە چىقىرىلىپ بولغان بولىدۇ.

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىلھام توختىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى چاقىرىق قىلدى. ئۇنىڭ ئادۋوكاتىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا بىر ھەپتىدىن كۆپرەك تاماق بېرىلمىگەنلىكىنى ۋە سىرت بىلەن ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈۋېتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلەتكەنلىكى ۋە ئىلھام توختىنى خورلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
مۇخبىر، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سوتقا كۆزەتكۈچى ئەۋەتىش تەلىپىگە خىتاي تەرەپ جاۋاب بەرمىگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۈرۈمچىگە دىپلومات ئەۋەتىدىغان - ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى سورىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەلچىسى ھانس دىيەتمار شۋېسگۇت : "بىز سوتقا بىرىنى ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتىمىز" دېدى.
خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، دىپلوماتلارنىڭ سوتقا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنىپ - قىلىنمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا بىۋاسىتە جاۋاب بەرمەستىن، بۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دېلوسى ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، «بۇ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك سوت پۈتۈنلەي قانۇنغا ئۇيغۇن ئېلىپ بېرىلماقتا» دېدى.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئىلھام توختىنىڭ دەۋاسىنى "ئوچۇق سوتنىڭ سىياسىيلىشىشى ۋە تىنچ تەنقىدكە يول قويماسلىقنىڭ كىشىنى ئەندىشىلەندۈرىدىغان بىر مىسالى بولدى" دېدى.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇدىرى سوفىيە رىچاردسىن مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئىلھام توختىغا ئېغىر ھۆكۈم بېرىلسە، ئۇيغۇرلاردا ئۆزى ئۇچرىغان ناھەقچىلىكنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاڭلايدىغانلىقىغا قانداقمۇ ئىشەنچىسى قالىدۇ؟»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر