18 ياشلىق غېنى ھەسەن ۋە جۈمە تاھىرنى ئۆلتۈرۈشنىڭ پەردە ئارقىسى

خىتاي ھۆكۈمىتى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىدە پەردە ئارقىسىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئادەمنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىدى.

103948
18 ياشلىق غېنى ھەسەن ۋە جۈمە تاھىرنى ئۆلتۈرۈشنىڭ پەردە ئارقىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنىڭ پەردە ئارقىسىدا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كىشىنىڭ كىملىكى ئېلان قىلىندى.
رەسمىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، 18 ياشلىق غېنى ھەسەننىڭ ئىنتېرنېت ئارقىلىق تارقاتقان ۋىدېئو كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇشقا كۈشكۈرتچىلىك قىلىش ۋە جۈمە تاھىرنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلاش جىنايىتىنى ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. خەۋەرلەردە، خىتاي ج خ تارماقلىرىنىڭ غېنى ھەسەننى ۋەقە يۈز بېرىپ ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە تۇتۇپ قولغا ئالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
جۈمە تاھىر 30 – ئىيۇل ئەتىگەندە بامدات نامىزىدىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. ساقچىلار پىچاق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىككى ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ۋە بىر گۇماندارنى قولغا ئالغان ئىدى. بۇ كىشىلەرنىڭ تۇرغۇن تۇرسۇن، مەمەتجان رەمىتۇللاھ ۋە نۇرمەمەت ئابلىمىت ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
ئىگىلىنىشىچە، 74 ياشلىق جۈمە تاھىر «زوراۋانلىق» قا ئارىلاشقان ئۇيغۇرلارنى تەنقىد قىلىش بىلەن، خىتاي تاراتقۇلىرىدا كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان شەخس بولۇپ، ئۇيغۇرلار «خائىن» دەپ قارايدىغان كىشىلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
يېقىنقى كۈنلەردە ئۇيغۇر رايونى ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ھەمدە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىۋاستە «رادىكال گۇرۇپپا» لارغا باغلىنىۋاتقان بولسىمۇ، مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئېنىق مەلۇماتلار بېرىلمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، «بۆلگۈنچى» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋە سوتلاش جەريانى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىمىدى، پەقەت بېرىلگەن جازالار رەسمىي تاراتقۇلار ۋاستىسى بىلەن ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر