يەكەن ۋەقەسىگە چېتىشلىق 18 گۇماندار تەسلىم بولدى

28- ئىيۇل يەكەن ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 18 گۇماندار تەسلىم بولدى.

85621
يەكەن ۋەقەسىگە چېتىشلىق 18 گۇماندار تەسلىم بولدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 10- ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدىن خەۋەر قىلىشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەت، ئۆتكەن ئاي يەكەندە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بىلەن چېتىشلىقى بار 18 گۇماندارنىڭ كۈچلۈك تەشۋىقاتنىڭ سايىسىدا ساقچىلارغا تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا كۆرە، 28- ئىيۇل يەكەن ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە 37 پۇقرا ئۆلگەن، 13 پۇقرا يارىلانغان. ساقچىلار 59 ھۇجۇمچىنى ئېتىۋەتكەن، 215 كىشىنى نازارەت ئاستىغا ئالغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يەكەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ خادىمى ئابدۇلقەييۇم ئابدۇلقادىر، تەسلىم بولغان گۇماندارلارنىڭ ئاز بىر قىسمىنىڭ جاھىل تېررورچىلار ئىكەنلىكىنى، كۆپىنچىسىنىڭ بولسا، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئابدۇلقەييۇم ئابدۇلقادىر، تەسلىم بولغان گۇماندارلارنىڭ جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ئىسپاتلانغان تەقدىردە يەڭگىلرەك جازالىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە ھازىرغىچە تەسلىم بولمىغانلارنىڭ ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە تېز تەسلىم بولۇشىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغان.

1- ئاۋغۇست كۈنى يەكەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، خەلقنى گۇماندارلارنىڭ ئورنىنى ئاشكارىلاشقا چاقىرغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر