يېڭى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن بېشارەتلەر كەلمەكتە
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش سىگنالىنى بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇيغۇر رايونى پارتكوم سىكرېتارى جاڭ چۈنشىيەن كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ رەسمىي ئورگان ژۇرنىلى بولغان «چىيۇشى» نىڭ 8 – ئايلىق سانىدا يازغان ماقالىسىدە: «شىنجاڭدا تۇغۇلۇش نىسبىتىنى مۇۋاپىق نىسبەتكە چۈشۈرۈش ۋە تەڭشەش ئۈچۈن، پىلانلىق تۇغۇت تەدبىرلىرى رايوندىكى بارلىق ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا باراۋەر يولغا قويۇلىدۇ» دېدى.
ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلغان نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت بەلگىلىمىسىدە، ئاز سانلىق مىللەتلەر خىتايلارغا قارىغاندا كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن خىتايلار 2، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر 3 پەرزەنتلىك بولالايتتى. بۇ خىل سىياسەت پۈتۈن خىتايدىكى بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن يولغا قويۇلغان ئىدى.
خىتايىدا 2010 – يىللىق رەسمىي نوپۇس مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ نوپۇسى 21 مىليون 813 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ %43.3 نى ئۇيغۇرلار، %41 نى خىتايلار، %8.3 نى قازاقلا ئىگىلەيدۇ. قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇ قاتارلىق قەدىمكى شەھەرلەردە نوپۇسنىڭ %90 دىن كۆپىرەكىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.