سۈرىيەلىك تۈركمەنلەر جىددىي ياردەمگە موھتاج

سۈرىيەلىك تۈركمەنلەرنىڭ جىددىي ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

119167
سۈرىيەلىك تۈركمەنلەر جىددىي ياردەمگە موھتاج

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە تۈركمەنلىرى جەمئىيىتى باش كاتىپى ئەھمەد زەۋىر ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى سەۋەبلىك رامزان ئېيىنى ناھايىتى تەسلىكتە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.
زەۋىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈرىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئىنسانلار كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا جىددىي ئېھتىياجىلىق ئىكەن. سۈرىيەلىكلەرنىڭ بىخەتەر رايونلارغا كۆچۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقان زەۋىر رامزان ئېيىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئېھتىياجلىرىنىڭ ئىزچىل ئېشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە ئەۋەتىلگەن 4 يۈك ماشىنىسى ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بەرگەنلىكلىرىنى ئېيتقان زەۋىر مۇنداق دېدى: «ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ ئازىيىشى سەۋەبلىك رامزان ئېيىنى ناھايىتى تەسلىكتە ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. كەلگەن ياردەم بۇيۇملىرىنى بىۋاستە چېگرانىڭ يەنە بىر تەرىپىگە ئەۋەتىپ تۇرۇۋاتىمىز. لازقىيەدە ياشاۋاتقان 50مىڭغا يېقىن كىشى جىددىي ياردەم بۇيۇملىرىغا ئېھتىياجلىق ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار سۇ، ئوزۇق-تۈلۈك، دورا-دەرمەك ۋە چېدىرلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق. ئىسلام ئالىمىنى جىددىي ياردەمگە چاقىرىمىز.»
زەۋىر لازقىيەدىكى بىر نەچچە رايونغا چېدىر شەھەر قۇرۇشقا باشلىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر