ئەرمېنىيە  ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلدى

ئەرمېنىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئالدىنقى سەپ لىنيەلىرىگە كۆمۈلگەن مىناغا دەسسىۋالغان بىر ئەزەربەيجان ئەسكىرى ئېغىر يارىلاندى.

103929
ئەرمېنىيە  ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالدىنقى سەپكە جايلاشقان گازاك رايونىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەزەربەيجان ئەسىكەرلىرىگە تۇزاق قۇرۇلدى. ئورخان ھاجىيېۋ ئىسىملىك ئەزەربەيجان ئەسكىرىنىڭ مىناغا دەسسىۋېلىشى نەتىجىسىدە پارتلاش يۈز بەردى.
رايوندىن ئېلىنغان دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئورخان ھاجىيېۋ ئۆلۈم خەتىرىدىن ئۆتۈپ كەتكەن.
ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى ئالدىنقى سەپنىڭ ئوخشىمىغان نۇقتىلىرىدا ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلدى. توۋۇز ۋە تارتار رايونىدا ئەرمېنىيە مەرگەنلىرى پۇقرالارنى نىشانغا ئالدى. چېگرادىكى يېزىدا ياشايدىغان ئۈچ نەپەر ئەزەربەيجان پۇقراسى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلاندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر