تۈرك كېڭىشى بۈگۈن باشلىنىدۇ
تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بودرۇمدا ئۇچرىشىدۇ
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بودرۇمدا ئۇچرىشىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 4 – نۆۋەتلىك يىغىنىدا تۈركمەنىستان، ئەزەربەيجان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈرك كېڭىشىنىڭ 4 - نۆۋەتلىك ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى «ساياھەت» ئىكەن.
شۇ ۋەجىدىن، يىغىنغا تۈركىيەنىڭ ساياھەت جەننەتلىرىدىن «بودرۇم» ساھىبخانىلىق قىلىدىكەن.
بۈگۈن باشلىنىدىغان يىغىن ئۇدا ئىككى كۈن داۋاملىشىدىكەن.
رەھبەرلەر، يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىدىكەن، ئىككىنچى كۈنى بولسا سىياسىي مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.