ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە ئالدىنقى سېپىدە توقۇنۇش يۈز بەردى

ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى دىدىئېر بۇركھالتېر تۈنۈگۈن باكۇدا قاراباغ مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئالدىنقى سەپتىن يەنە توقۇنۇش خەۋەرلىرى كەلدى

ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە ئالدىنقى سېپىدە توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە ئالدىنقى سېپىدە توقۇنۇش يۈز بەردى.
ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى دىدىئېر بۇركھالتېر تۈنۈگۈن باكۇدا قاراباغ مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئالدىنقى سەپتىن يەنە توقۇنۇش خەۋەرلىرى كەلدى.
ۋەقە، نەھچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە مەيدانغا كەلدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشى نەتىجىسىدە توقۇنۇش يۈز بەرگەن. توقۇنۇشتا بىر ئەزەربەيجان ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر