قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى نىشان قىلىنىۋاتقان مۇزاكىرە باسق

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى دەرۋىش ئەرئوغلۇ بىلەن جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى رەھبىرى نىكوس ئاناستاسىئادىس تۈنۈگۈن بىتەرەپ رايوندا بىر يەرگە جەم بولدى

81253
قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى نىشان قىلىنىۋاتقان مۇزاكىرە باسق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى نىشان قىلىنىۋاتقان مۇزاكىرە باسقۇچى داۋاملاشماقتا.
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى دەرۋىش ئەرئوغلۇ بىلەن جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى رەھبىرى نىكوس ئاناستاسىئادىس تۈنۈگۈن بىتەرەپ رايوندا بىر يەرگە جەم بولدى.
ئۇچرىشىشقا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قىبرىس ئالاھىدە ۋەكىلى لىزا بۇتېنھايم بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ مۇزركىرىچىلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.
3 يېرىم سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان ئۇچرىشىشتا، سىياسىي باراۋەرلىك، فېدېرال ھاكىمىيەت قانۇنى، سايلام سىستېمىسى ۋە ئامانلىقنى ساقلاش تەدبىرلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
تەرەپلەر، تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. ئۇچرىشىشتا بارلىق ھالقىلىق مەسىلىلەردە تەكلىپ سۇنۇش ۋە بۇ باسقۇچنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملاش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.
ئۇچرىشىشتىن كېيىن بايانات ئېلان قىلغان ئەرئوغلۇ، رۇم تەرەپ بىلەن پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئەرئوغلۇ، تۈرك تەرەپنىڭ ئىجابىي پوزىتسىيەسىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە «قىبرىس مەسىلىسى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىشى يولىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشى ئۈچۈن تۈرك تەرەپ بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەق - ھوقۇقلىرىمىزنىمۇ قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.
ئەرئوغلۇ، رۇم تەرەپنىڭ ئالدىنقى مۇزاكىرىلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن يېقىنلىشىشنى نەزەرگە ئالمىغانلىقى ۋە بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئەرئوغلۇ، ئەتە مۇزاكىرىچىلەرنىڭ تەكرار بىر يەرگە جەم بولۇپ، سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، رەھبەرلەرنىڭ كېلەر قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ بولسا 23 - ئىيۇن كۈنى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر