ئاھىسكا تۈركلىرى ئۆي - ماكانلىرىنى تەرك ئەتمەكتە

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ھۆكۈمەت كۈچلىرى بىلەن رۇسپەرەس بۆلگۈنچى گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار تۈپەيلى رايوندا ياشاۋاتقان 700 گە يېقىن ئاھىسكا تۈركلىرى ئۆي - ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى

77231
ئاھىسكا تۈركلىرى ئۆي - ماكانلىرىنى تەرك ئەتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاھىسكا تۈركلىرى ئۆي - ماكانلىرىنى تەرك ئەتمەكتە.
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ھۆكۈمەت كۈچلىرى بىلەن رۇسپەرەس بۆلگۈنچى گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار تۈپەيلى رايوندا ياشاۋاتقان 700 گە يېقىن ئاھىسكا تۈركلىرى ئۆي - ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى.
ئاھىسكا تۈركلىرى ۋەتەن جەمئىيىتى دونېتسىك ۋەكىلى نەبىجان باساتوۋ، سىلاۋيانىسكتا ياشاشنىڭ ناھايىتى خەۋپلىك بولۇپ قالغانلىقىنى، شۇ ۋەجىدىن ئاھىسكا تۈركلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئۆي - ماكانلىرىنى تەرك ئېتىپ، بىخەتەر رايونلارغا كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
باساتوۋ، «ھازىرغىچە سىلاۋيانىسكتا ياشاپ كەلگەن 700 گە يېقىن ئاھىسكا تۈركلىرى ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ھېرسون، رۇسىيەدىكى روستوۋ ۋە ئەزەربەيجانغا كۆچۈپ كەتتى» دېدى.
باساتوۋ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلى بىخەتەر جايلارغا كۆچۈپ كېتەلمىگەنلىكلىرى ئۈچۈن، سىلاۋيانىسكتا ياشاۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ يەر ئاستى ئۆيلىرىدە قېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
سىلاۋيانىسكتا توقۇنۇشلارنىڭ كۈنسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان باساتوۋ، «ئۆي - ماكانلىرىنى تەرك ئېتىپ، بىخەتەر جايلارغا كۆچۈپ كەتكەن ئاھىسكا تۈركلىرىمۇ ئەڭ كۆپ بولغاندا 1 - 2 ئاي تۇرالىشى مۇمكىن، 1 - 2 - ئايدىن كېيىن قايتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. بۇ يەردىكى توقۇنۇشلار بولسا پات يېقىندا بېسىقىدىغاندەك قىلمايدۇ» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر