بايدىن قىبرىس رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن، قىبرىستىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كەچلىك تاماقتا بىر يەرگە جەم بولدى

71756
 بايدىن قىبرىس رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن، قىبرىستىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كەچلىك تاماقتا بىر يەرگە جەم بولدى.
بايدىن، ئۇچرىشىشتىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، ئىككى رەھبەرنىڭ ئورتاق بىر لايىھەدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى. بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
بايدىننىڭ مەلۇماتىغا كۆرە، ھەر ئىككى رەھبەر مەسىلىنىڭ ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئايدا ائىككى قېتىم بىر يەرگە جەم بولىدىكەن، دەسلەپكى قېتىملىق ئۇچرىشىش 2 - ئىيۇن كۈنى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.
ئىككى رەھبەر يوقاپ كەتكەن قورال - ياراغلارنىڭ تېپىلىشى مەسىلىسىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن ھەمدە ئىگىلىگەن بارلىق ئۇچۇرلارنى غايىپ قورال - ياراغلار كومىتېتى بىلەن ئورتاقلىشىدىكەن.
بايدىن، ئۇچرىشىشتا ماراش رايونى مەسىلىسىنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى، ھەر ئىككى تەرەپ بىردەكلىك ھاسىل قىلغان تەقدىردە، بۇ ھەقتە مۇزاكىرىلەرنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
بايدىن، ئامېرىكىنىڭ مەسىلىنىڭ ئۈزۈل كېسىل ھەل قىلىنىشىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بايدىندىن كېيىن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى دەرۋىش ئەرئوغلۇمۇ بايانات ئېلان قىلدى.
ئەرئوغلۇ باياناتىدا، كېلىشىم لايىھەسىنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشىغا قارىتا ئۈمىدلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر