دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ

دۆلىتىمىز دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ قىبرىس مەسىلىسىدە تۈركىيەنى تۆلەم تۆلەشكە مەھكۇم قىلغان قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

66671
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ قىبرىس مەسىلىسىدە تۈركىيەنى تۆلەم تۆلەشكە مەھكۇم قىلغان قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «قارار، خاتالىق ۋە باشتىن - ئاخىر زىددىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قانۇنىي ۋە ئىجرا قىلىش ئاساسىي يوق.»
باياناتتا، 2010 - يىلى رۇم تەرىپىنىڭ قىبرىستا چارە مۇزاكىرىلىرى كەڭ كۆلەملىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە سۇنغان ياخشى نىيەتتىن خالىي ئىلتىماسى توغرۇلۇق مۇزاكىرىلەردىن ئۈنۈملۈك نەتىجە ھاسىل قىلىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقان ھالقىلىق بىر پەيتتە قارار ئېلىنىشىنىڭ دىققەت قوزغايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا، بۇ قارارنىڭمۇ قىبرىسنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىغا ماس كەلمەيدىغانلىقى ۋە ھەقسىز ئىكەنلىكى، مەزمۇنىنىڭ خاتالىقلار ۋە زىددىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، قانۇنىي ئاساسىنىڭ يوقلۇقى، قىبرىس مەسىلىسى ھەل بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئىجرا قىلىش قىممىتىنىڭ يوقلۇقى تەكىتلەندى.
باياناتتا، بارلىق تەرەپلەرنىڭ مۇزاكىرىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىنىشىنى قوللىشى مۇراجىئەت قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ قارارى، تۈركىيەنى قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ئادىل ۋە ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىشى يولىدىكى قەتئىي ئىرادىسىدىن ھەرگىزمۇ ۋازكەچتۈرەلمەيدۇ.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر