باكۇدا 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى تەبرىكلەندى

64798
باكۇدا 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى تەبرىكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ زەپەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە «مىللىي قەھرىمان» مېدالىغا ئېرىشكەن گېنېرال ھېزى ئاسلانوۋنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى.

2– دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئېھتىياجلىق بولغان نېفىتنىڭ %70 نى ئەزەربەيجان تەمىنلىدى. 600 مىڭدىن ئارتۇق ئەزەربەيجان خەلقى ئۇرۇشقا قاتناشتى. ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرى مەيلى ئالدىنقى سەپتە بولسۇن ياكى ئارقا سەپتە بولسۇن ناھايىتى چوڭ قەھرىمانلىقلارنى كۆرسەتتى. 130 دىن ئارتۇق ئەزەربەيجانلىق «قەھرىمانلىق مېدالى» نى ئالدى. گېنېرال ھېزى ئاسلانوۋ ئىككى قېتىم بۇ مېدالغا لايىق كۆرۈلگەن ئەنە شۇ قەھرىمانلارنىڭ بىرى ئىدى.

9– ماي رەسمىي بايرام قىلىپ بېكىتىلگەن ئەزەربەيجاندا، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ھېزى ئاسلانوۋنىڭ قەبرىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى. پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ قەبرىگە گۈلچەمبىرەك قويدى. ئۇ قەبرە بېشىغا كەلگەن 2 – دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرى بىلەن خېلى ئۇزۇنغىچە سۆھبەت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر