تارىختىكى بۈگۈن:11-دېكابىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1543728
تارىختىكى بۈگۈن:11-دېكابىر

يىل 1936، 11-دېكابىر...

ئەنگلىيە پادىشاھى 8-ئېدۋارد  ۋوللىس سىمپسون (Wallis Simpson) بىلەن بىللە بولۇش ئۈچۈن تەختتىن ۋاز كەچتى. پادىشاھ 8-ئېدۋارد بۇ قارارىدىن ئۈچ ئاي بۇرۇن تۈركىيەنى زىيارەت قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.

1987-يىلى 11-دېكابىر، «ھابابام سىنىپى»، «خۇشال كۈنلەر» ۋە «توسۇن پاشا» قاتارلىق فىلىملەردە رول ئالغان ئادىلە ناشىت ئىستانبۇلدا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى.

1994-يىلى 11-دېكابىر، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلىغان چېچىنىيەگە قارشى رۇسىيە ئارمىيەسى ھەرىكەتكە ئۆتتى. رۇسلا يۈزلەرچە تانكىلار بىلەن شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىشقا باشلىدى. چېچەنلەر بولسا، پارتىزانلىق ئۇرۇشى بىلەن، رۇسىيە ئارمىيەسىنى توختاتتى. 1-قېتىملىق رۇسىيە-چېچىنىيە ئۇرۇشى 1996-يىلى 30-ئاۋغۇست ئىمزالانغان ھاساۋ-يۇرت كېلىشىمى بىلەن ئاخىرلاشتى.

1999-يىلى 11-دېكابىر، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىدا، تۈركىيەگە ئەزالىق ئۈچۈن نامزات سالاھىيىتى بېرىلدى. خېلسىنكى يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە يىغىنغا قاتناشقان سابىق باش مىنىستىر بۈلەنت ئەجەۋىت ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن رەسىمگە چۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر