تارىختىكى بۈگۈن: 01.12.2020
بۈگۈن 2020 - يىلى 01 - دېكابىر - سەيشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
■ 1964 – يىلى 01 – دېكابىردا تۈركىيەنى ياۋروپا ئىقتىسادىي گەۋدىسىگە ئەزا قىلغان ئەنقەرە كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. كېلىشىم، تاموژنا بىرلىكى ۋە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىقتىسادىي گەۋدىسىگە تولۇق ئەزا بولۇشىنى مەزمۇن قىلاتتى.
■ 1990 – يىلى 01 – دېكابىردا مانش تونىلىنىڭ ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەدە باشلانغان قۇرۇلۇشى دېڭىزنىڭ 40 مېتىر چوڭقۇرلۇقىدا تۇتاشتۇرۇلدى.
■ 2019 – يىلى 01 – دېكابىردا دۇنياۋى يۇقۇمغا ئايلانغان كوۋىد – 19 يۇقۇمىنىڭ تۇنجى بىمارى خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە بايقالدى. خىتايدا نويابىر ئېيىدا باشلانغان كېسەللىك بېيجىڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەسمىي يۇسۇندا يۇقۇم دەپ ئېلان قىلىندى. كوۋىد – 19 يۇقۇمى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىگە تارقالدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...