تارىختىكى بۈگۈن:9-نويابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...
يىل 1938، 9-نويابىر...
گېرمانىيەدە ناتسىست ھۆكۈمەت يەھۇدىيلارغا قارشى «خروستال كېچە» دەپ ئاتالغان قىرغىنچىلىقنى باشلىدى. ئىككى كۈن داۋاملاشقان قىرغىنچىلىقتا بېرلىندىلا 7 مىڭ دۇكان بۇلاپ-تالاندى. نۇرغۇن يەھۇدىي ئۆلتۈرۈلدى. گېرمانىيە تەۋەلىكىدە 200 دىن ئارتۇق يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرى كۆيدۈرۈلدى.
1993-يىل 9-نويابىر، يۇگوسلاۋىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە، خىرۋاتلار تارىخىي موستار كۆۋرۈكىنى زەمبىرەك بىلەن پارتلىتىۋەتتى. ئىچكى ئۇرۇشنىڭ سىمۋولىغان ئايلانغان كۆۋرۈك 1566-يىلى بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ئوسمانلىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا تۇرغان مەزگىلدە ياسالغان ئىدى. كۆۋرۈك 2004-يىلى تۈركىيەنىڭ باشچىلقىدا رېمونت قىلىنىپ قايتا خىزمەتكە سۇنۇلدى.
2016-يىلى 9-نويابىر، ئامېرىكادا جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ نامزاتى دونالد ترامپ سايلامدا غەلىبە قىلدى. دونالد ترامپ باراك ئوبامادىن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ، ئامېرىكانىڭ 45-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...