تارىختىكى بۈگۈن: 17 – ئۆكتەبىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1510821
تارىختىكى بۈگۈن: 17 – ئۆكتەبىر

بۈگۈن 2020 – يىلى، 17 – ئۆكتەبىر، شەنبە.

  • 1448 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئارمىيەسى 2 - «كوسوۋو ئۇرۇشى» مەزگىلىدە، كۆپىنچىسى ۋېنگىرىيەلىكلەردىن تەشكىل تاپقان ئەھلى سەلىپ قوشۇنىنى مەغلۇب قىلدى. بۇ زەپەر، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ بالقان رايونىدىكى ھاكىمىيىتىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.

  • 1777 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا قىسىملىرى ئەنگىلىيەلىكلەرنى «ساراتوگا ئۇرۇشى» دا مەغلۇب قىلدى. بۇ غەلبىدىن كېيىن، فىرانسىيە، ئىسپانىيە ۋە گوللاندىيە ئەنگىلىيەگە قارشى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېنىدا ئۇرۇشقا قاتناشتى.

  • 1961 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، فىرانسىيە ساقچىلىرى، ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن پارىژدا نامايىش ئۆتكۈزگەن ئالجىرىيەلىكلەرگە  ھۇجۇم قىلدى. تارىختا «پارىژ قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتالغان بۇ ۋەقەدە، 400 ئالجىرىيەلىك ئۆلتۈرۈلدى. بەزى نامايىشچىلارنىڭ جەسەتلىرى «سېئىن دەرياسى» دىن چىقىرىلدى.

  • 1973 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، يەر شارى خاراكتېرلىك نېفىت كرىزىسى يۈز بەردى. نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC)، سۈرىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئىسرائىلىيەگە ياردەم قىلغانلىقى سەۋەبلىك، بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىگە نېفىت ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈشكە باشلىدى.  10 ئەرەب دۆلىتى نېفىتنىڭ سېتىش باھاسىنى% 70 ئۆستۈردى، ھەمدە نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ھەر ئاي% 5 ئازايتىشنى قارار قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر