تارىختىكى بۈگۈن:16-ئۆكتەبىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1507650
تارىختىكى بۈگۈن:16-ئۆكتەبىر

يىل 1978، 16-ئۆكتەبىر...

پولشالىق كاردىنال كارول ۋوجتيلا (Karol Wojtyla) 2-يېن پاۋۇل (Jean Paul) نامى بىلەن پاپا بولۇپ تاللاندى. ئۇ بۇ ۋەزىپىسىنى 27 يىل ئۆتىدى. ئۇ ئارىدىن 455 يىل ئۆتكەندە ۋاتىكان سىرتىدىن پاپا ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن تۇنجى كىشى بولۇپ قالدى.

1995-يىلى 16-ئۆكتەبىر، گاررىي كاسپاروۋ (Garry Kasparov) بىر ئاي داۋاملاشقان شاھمات مۇسابقىسىدە، ۋىسۋاناتان ئاناند (Viswanathan Anand) نى يەڭدى.

2002-يىلى 16-ئۆكتەبىر، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جورج ۋولكېر بۇش (George Walker Bush) 11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئىراقتىكى ساددام ھۆكۈمىتىنىڭ ئەل قائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياردەم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كونگرەدىن ئىراققا ئۇرۇش ئېلان قىلىش ھوقۇقىنى ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر