تارىختىكى بۈگۈن: 22 – سېنتەبىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1495242
تارىختىكى بۈگۈن: 22 – سېنتەبىر

بۈگۈن 2020 – يىلى، 22 – سېنتەبىر، سەيشەنبە.

  • 1980 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىراقنىڭ ئىرانغا ئۇرۇش ئېلان قىلىشى ۋە تېھراننىڭ «مېھراباد ئايرودۇرۇمى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 ئايرودۇرۇمنى بومباردىمان قىلىشىدىن كېيىن، «ئىران – ئىراق ئۇرۇشى» باشلاندى. ئۇدا 8 يىل داۋاملاشقان ئۇرۇشتا، تەخمىنەن بىر مىليون كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

  • 1985 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى، 1985 – يىلى 10 – ئىيۇل كۈنى يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئوكلاند پورتىدا كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن Greenpeace ئىگىدارچىلىقىدىكى «Rainbow Warrior» ناملىق پاراخوتنى، فىرانسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى جاسۇسلىرىنىڭ غەرق قىلىۋەتكەنلىكىنى ئىقرار قىلدى.

  • 1993 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، نىيۇ يورك  چوڭ شەھەر رايونى سەنئەت مۇزېيى، تۈركىيەدىن قانۇنسىز يوللار بىلەن قاچۇرۇلغان «قارۇن خەزىنىسى» نى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. تۈركىيە 1987-يىلدىن باشلاپ بۇ خەزىنىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن قانۇنىي جەھەتتىن كۈرەش قىلىۋاتاتتى. 432 پارچىدىن تەركىب تاپقان «قارۇن خەزىنىسى» 3 كۈن كېيىن تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر