تارىختىكى بۈگۈن 13.09.2020

بۈگۈن 2020 – يىلى 13 – سىنتەبىر  يەكشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1489677
تارىختىكى بۈگۈن 13.09.2020

تارىختىكى بۈگۈن 13.09.2020

1921 – يىلى 13 – سىنتەبىردە، 21 كۈن داۋاملاشقان ساكاريا مەيدان ئۇرۇشى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى. ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ، ئۇرۇش قىلىش ئىرادىسىنى يوقاتقان گىرېتسىيە ئارمىيەسى چېكىنىشكە ۋە ئانادولۇ ئىشغالىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.

1991 - يىلى 13 – سىنتەبىردە، تۈركىيە پۇتبولچىلىق ساھەسىنىڭ داستانلاشقان چولپىنى مەتىن ئوكتاي قاتناش ۋەقەسى سەۋەبىدىن 55 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.

1993 - يىلى 13 – سىنتەبىردە، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ياسىر ئارافات ۋە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى يىتزاك رابىن ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونى ۋە غەربىي قىرغاقتىن چېكىنىشى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر