تارىختىكى بۈگۈن: 28– ئاۋغۇست

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1480359
تارىختىكى بۈگۈن: 28– ئاۋغۇست

يىل 1963، 28-ئاۋغۇست

ئامېرىكادا جەنۇبتىكى ئىشتاتلاردا باشلانغان «ئىجتىمائىي ھەق-ھوقۇق يۈرۈشى» پايتەخت ۋاشىنگتوندا ئاخىرلاشتى. قارا تەنلىك ئاكتىۋىست مارتىن لۇتېر كىڭ توپلانغان 200 مىڭ كىشىگە: «بىر خىيالىم بار» دېگەن نۇتۇقىنى سۆزلىدى.

1988-يىلى 28-ئاۋغۇست گېرمانىيەنىڭ رامستېيىن (Ramstein) ھاۋا بازىسىدا ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش جەريانىدا، ئىتالىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش ئەترىتىنىڭ ئۈچ ئايروپىلانى ئۆزئارا سوقۇلۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ كۆز ئالدىدا چۈشۈپ كەتتى. ۋەقەدە 75 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 346 كىشى يارىلاندى.

1935-يىلى 28-ئاۋغۇست، سېربلار سارايېۋودىكى ماركالە بازىرىغا مېنامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلدى. ئىككىنچى قېتىملىق قەتلىئامدا 43 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 75 كىشى يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر