تارىختىكى بۈگۈن: 13– مارت

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1377576
تارىختىكى بۈگۈن: 13– مارت
  • يىل 624، 13– مارت...
  • مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بۇتپەرەست مەككە ھۆكۈمرانلىقى ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى ئۇرۇش بولغان «بەدىر ئۇرۇشى» يۈز بەردى. مەدىنەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 160 كىلومېتىر كېلىدىغان سۇ قۇدۇقلىرى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشتا، 305 كىشىدىن تەركىپ تاپقان مۇسۇلمان جەڭچىلەر، تەخمىنەن 1000 كىشىلىك دۈشمەن قوشۇنىنى يەڭدى.
  • 1552-يىلى 13– مارت قانۇنى سۇلتان سۇلايمان قوماندانلىقىدىكى ئوسمانلى قوشۇنى بېلگرادنى قولغا كىرگۈزۈپ، ۋېنگرىيەنى پەتھى قىلدى.
  • 1940-يىلى 13– مارت سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ فىنلاندىيەگە ھۇجۇم قىلىشى بىلەن باشلانغان «قىش ئۇرۇشى»، فىنلاندىيەنىڭ تەسلىم بولۇشى ۋە موسكۋا تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.
  • 1964-يىلى 13– مارت تۈركىيە، بىرلەشمە قىبرىس دۆلىتىنىڭ پىرېزىدېنتى ماكارىيوسقا نوتا تاپشۇردى. تۈركىيە نوتاسىدا، قىبرىستا رۇملار تۈركلەرگە قىىلۋاتقان ھۇجۇملىرىنى توختاتمىسا، تۈركىيەنىڭ كاپالەتلىك قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، ئارالنىڭ ۋەزىيىتىگە ئارىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
  •  


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر