تارىختىكى بۈگۈن: 12 – مارت

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1377032
تارىختىكى بۈگۈن: 12 – مارت

بۈگۈن 2020 – يىلى، 12– مارت، پەيشەنبە.

1930 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ھىندى رەھبەر ماھاتنا گەندى ھۆكۈمەتنىڭ تۇز ئىشلەپچىقىرىشتىكى مونوپوللۇقىغا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە تەخمىنەن 400 كىلومىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مەشھۇر «تۇز نامايىشى يۈرۈشى» ئۈچۈن ئەخمەدئابادتىن يولغا چىقتى.

1947 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ھاررى ترۇمان، تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن، دۆلەت مەجلىسىدىن بۇ ئىككى دۆلەتكە 400 مىليون دوللار ياردەم بېرىش ھوقۇقى بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

1985 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تېررورلۇق تەشكىلاتى ASALA  ئەزاسى تېررورچىلار تۈركىيەنىڭ كانادانىڭ ئوتتاۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇمدا بىر كانادالىق ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى، باش ئەلچى چوشقۇن قىرجا يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر