تارىختىكى بۈگۈن: 11– مارت

بۈگۈن 2020 – يىلى 11 – مارت - چارشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1376425
تارىختىكى بۈگۈن: 11– مارت

1985 – يىلى  11 – مارتتا كونستانتىن چېرنېنكو ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، مىخايىل گورباچېۋ سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسىنىڭ باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەندى. گورباچېۋ گلاسنوست (ئوچۇق – ئاشكارا بولۇش) ۋە پېرېسترويكا (قايتا تەشكىللەش) سىياسىتى بىلەن دۇنيا تارىخىدا ئىز قالدۇردى.

 

■ 2004 – يىلى  11 – مارتتا ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتىكى پويىز ئىستانسىسىغا بىرلا ۋاقىتتا قىلىنغان  تېرورلۇق ھۇجۇمىلىرىدا 191 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى ، 1800 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئەلقائىدە تېرورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالدى.

 

■ 2006 – يىلى  11 – مارتتا سېربىيە پرېزىدېنتى سلوبودان مىلوسېۋىچ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر»، «ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىش» گۇماندارى سۈپىتىدە خەلقئارا ئۇرۇش جىنايىتى سوت مەھكىمىسىدە 66 ئايرىم جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلىنىۋاتقان جەرياندا تۈرمىدە ئۆلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر