تارىختىكى بۈگۈن: 10 – مارت

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1375245
تارىختىكى بۈگۈن: 10 – مارت

بۈگۈن 2020 – يىلى، 10– مارت، سەيشەنبە.

1906 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، فىرانسىيەنىڭ كوررىئېرېس شەھىرىدە تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كان قازالىرىدىن بىرى يۈز بەردى. قازادا 1099 كان ئىشچىسى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئۆلگەنلەرنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى 18 ياشتىن كىچىك ئىدى.

1945 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا 325 ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانى «ناپالم بومبىلىرى» ئارقىلىق توكيونى بومباردىمان قىلدى. «ئۇرۇش تارىخى» دىن «توكيو چوڭ بومباردىمانى» سۈپىتىدە ئورۇن ئالغان ھۇجۇم ۋە ھۇجۇمدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە، تەخمىنەن 7 مىڭ 415 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 278 مىڭ ئەتراپىدا كىشىنىڭ ئۆيلىرى كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كەتتى.

1980 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەرمەن تېررورچىلار رىمدا تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ۋە تۈركىيە ساياھەت بىيورۇسىغا بومبا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدى. تۈركلەر نىشان قىلىنغان ھۇجۇمدا، ئىتالىيەلىك ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 14 ئىتالىيەلىك يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر