تارىختىكى بۈگۈن: 7 – مارت

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1373873
تارىختىكى بۈگۈن: 7 – مارت

بۈگۈن 2020 – يىلى، 7– مارت، شەنبە.

1977 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، پاكىستان خەلق پارتىيەسى رەھبىرى زۇلفىقار ئەلى بۇتتو، دۆلىتىدە ئىككىنچى قېتىم ئومۇمىي سايلامدا غەلىبە قىلىپ، باش مىنىستىر بولدى. سايلامدىن كېيىن پاكىستاندا ئوتتۇرىغا چىققان سىياسىي كىرىزىسنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىشىدىن كېيىن، گېنېرال زىيائۇل ھەق قوماندانلىقىدىكى ئارمىيە، 5 – ئىيۇل كۈنى ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالدى.

1979 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، « Voyager 1» ناملىق ئالەم كېمىسى  يۇپىتېر ۋە ئۇراننىڭ ساتۇرن سەييارىسىغا ئوخشاش ھالقىلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كەشپ قىلدى.

1984 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى، قىبرىسلىق تۈرك رەسسام ئېمىن چىزەنەل تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن «دۆلەت بايرىقى» قارارنامىسىنى بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر