تارىختىكى بۈگۈن: 2– مارت

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزھۇزۇرۇڭلاردا...

1369900
تارىختىكى بۈگۈن: 2– مارت
  • يىل 1888، 2– مارت...
  • سۇۋەيىش قانىلىنىڭ ھەم ئۇرۇش ھەم تىنچلىق دەۋرىدە بارلىق پاراخوتلارغا ئوچۇق بولۇشى تەكلىپ قىلىنغان ئىستانبۇل كېلىشىمى، ئەنگلىيە بىلەن ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالاندى. شۇ يىلى 29-ئۆكتەبىردە ئىجرا تېكستىنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن، كېلىشىم رەسمىي ئىجرا قىلىندى.
  • 1985-يىلى2– مارت فىرانسىيە ئورلى (Orly) ئايرودۇرۇمىدا ئىككى تۈركنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بومبا ھۇجۇمىنىڭ بىر جىنايەتچىسى مۇددەتسىز، ئىككى جىنايەتچىسى 10 ۋە 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى. ئەرمەن تېررورلۇق تەشكىلاتى ئاسالانىڭ ئەزالىرى بۇ ھۆكۈم بىلەن، تۇنجى قېتىم ئېغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولدى.
  • 2000-يىلى 2– مارت ئەنگلىيەدە 16 ئاي ئۆيىدە نەزەربەندتە تۇتۇلغان چىلىنىڭ تەختتىن چۈشۈرۈلگەن دىكتاتورى پىنوچېتنىڭ قويۇپ بېرىلىشى قارار قىلىندى. پىنوچېت ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن ئۆزىنى سوتقا تارتماقچى بولغان دۆلەتلەر قارارغا قارشى چىقىشتىن بۇرۇن ئەنگلىيەدىن ئايرىلدى.
  • 2016-يىلى 2– مارت ب د ت يادرو قورالى سىناق قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان شىمالىي كورېيەگە، ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى. قارار ئاۋاز بىرلىكى بىلەن قوبۇل قىلىندى.
  •       


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر